ما شىڭرۈي «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيتىش» ئۈچۈن «مۇقىملىق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى دائىملاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى) » ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئالاھىدە سۆز قىلىپ، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلارنى شەرھلەپ ئۆتكەن. بۇ قېتىمقى يىغىنغا پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەرنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ تولۇق قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ بىر قېتىملىق زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي سۆزىدە «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» تېمىسىنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قايتا تەتقىق قىلىش ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» لازىملىقى ھەققىدە توختالغان.

ما شىڭرۈي سۆزىدە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدە پەۋقۇلئاددە ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى» نى، شۇڭا بۇنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «مۇقىملىق خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى بىر سېكۇنتمۇ توختىتىپ قويماسلىق» ، خىتاي تىل-يېزىقى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، جۇڭخۇا كىملىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن داۋام قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى زورلۇق شەكلىنى ئالغان ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ئامىللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق خىزمەت، دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» قۇرۇلۇشى ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ خىلدىكى «تەرەققىيات» نىڭ نىشانى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر دىيارىغا زور ساندا كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش» ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش، شۇ ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭدا شىمالىي شىنجاڭغا ئوخشاش خىتاي نوپۇسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش» ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى» يىغىندا سۆزلىگەن سۆزى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتىكەن.