ئامېرىكا ئاقساراي تورىغا سىچۈەندىكى مۇھىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ مۇراجىئەتنامە يوللىغان چېڭدۇلۇق تورداش ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى.
7-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاقساراي تورىغا مۇراجىئەتنامە يوللاپ، چېڭدۇدا قۇرۇلۇۋاتقان خىمىيە زاۋۇتىنىڭ مۇھىتنى ئېغىر بۇلغاش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان سىچۈەنلىك تورداش، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇراجىئەتنامە يوللىنىپ ئەتىسىلا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئاقساراي تورىغا چاپلانغان مۇراجىئەتنامىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، چېڭدۇ ساقچى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، چېڭدۇ ساقچىلىرى ئاقساراي تور بېكىتىگە مۇراجىئەتنامىنى يوللىغان تورداشنى ئۇنىڭ سىننا تورىدىكى ئادرېسىدىن تېپىۋالغاندىن كېيىن، 20 ياشلىق بۇ خانىمنى ساقچىخانىغا «چاي ئىچىش» كە تەكلىپ قىلىپ، سوراق قىلغان.