خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى مەۋقەسى ۋە خاراكتېرى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي نۆۋەتتە بارغانسېرى يېڭىدىن پەيدا بولغان مۇستەملىكىچى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» دېمەكتىكەن. «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 9-نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئامىتاي ئېتزىيونى ئىمزاسىدىكى ماقالىدا بۇ نۇقتا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسى ھازىر 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە نەقەدەر ئوخشايدىكەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىگەن ئەرزان باھالىق توۋارلارنى بۇ جايلاردا تۆكمە قىلىپ سېتىشى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلاردىكى يەرلىك ئىقتىسادنى كونترول قىلىۋېلىشى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشى؛ خىتاينىڭ بۇ جايلاردىكى سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىگە قول تىقىشى دېگەنلەر ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەملىكىچى جاھانگىرلىكنىڭ تىپىك مىساللىرى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ھال خىتاينىڭ تاشيول ۋە نېفىت يوللىرى ئارقىلىق بۇ جايلاردىن غايەت زور بايلىقنى تالان-تاراج قىلىشىدا ئەكس ئەتمەكتىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئافرىقا بۇنىڭدىكى ئەڭ زور قۇربان بەرگۈچى بولۇپ، خىتاي ھازىر ئافرىقادىكى 39 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى سودا شېرىكى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە غايەت زور مىقداردا قەرز بېرىشى ئۇلارنىڭ «ئاچقان يېرىگە بارغان» بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بۇنىڭ دەردىنى تارتماقتىكەن. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر بۇ غايەت زور قەرزنى خىتايغا «ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېتىبار بېرىش» ۋە سىياسىي جەھەتتە قەتئىي قوللاش ئارقىلىق تۆلىمەكتىكەن.