بلۇمبېرگ: «مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماقتا»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەڭ كۆپ سورىلىۋاتقان سوئال بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، ماركو رۇبىئو، كرىستوفېر سىمىت باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، لېكىن «ھىندونېزىيە، مالايشىيا، پاكىستان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھەتتا تۈركىيەدەك بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرى بايانات ئېلان قىلىپ، باستۇرۇشنى تەنقىدلەپ باقمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ سۈكۈت خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىش ۋە ئۇلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەش جەھەتلەردە قانچىلىك ئاچقۇچلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى مەزكۇر چېگرا رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا دائىر 1‏-قول دەلىللەرنىڭ يوقلۇقى ئىسلام دۇنياسىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە، ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى تەتقىقاتچىسى ھەسەن ھاساننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بۇ مەسىلە ئەرەب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاساسەن خەۋەر قىلىنمايدۇ. ھەتتا جىھادچىلارمۇ باشقا توقۇنۇشلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ» دېگەن. لېكىن خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا سۈكۈت قىلىش يەنىلا مۈشكۈلگە توختاۋاتقانلىقى، يېقىندا قازاقىستاننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلىگەن بىر قازاق پۇقراسىنى ئېلىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.