سادىق خان لوندون شەھىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ماي كۈنى ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان سادىق خان سايلامدا غەلىبە قىلىپ، لوندون شەھىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولۇپ قالغان.

سادىق خان سايلامدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ لوندون ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى لوندون شەھىرىنىڭ ۋەھىمە ۋە بۆلۈنۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۈمىد ۋە ئىتتىپاقلىقنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىملىق لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىنى تالىشىش سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى زاك گولدسىمىس تاراتقۇلاردا سادىق خانغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇ سادىق خاننى «ئەسەبىي كۈچلەر» نىڭ ھەمراھى دېگەن ھەمدە كۆپ قېتىم ئۇنى «ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئۈچۈن مۇنبەر ھازىرلىدى، كەيپىيات ياراتتى شۇنداقلا ئۇلارنى ھىمايە قىلدى» دەپ ھۇجۇم قىلغان.

ھالبۇكى، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر سادىق خاننى قىزغىن تەبرىكلىگەن. ئالبانىيە پايتەختى تىرانا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئېرىئون «سادىق خاننىڭ غەلىبىسى ياۋروپاغا ئىلھام ۋە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى» دېگەن. پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى ئاننا ھىدالگو سادىق خاننى قىزغىن تەبرىكلەپ، «بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم ئىلغارلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

سادىق خاننىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر-لوندونغا تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىشى ياۋوپادا كۆچمەنلەرگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن پاسسىپ كەيپىيات كۆتۈرۈلگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى يېقىندىلا شىۋېتسىيەنىڭ تۈرك نەسلىدىن بولغان ئۆي-مۈلۈك ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرى مەھمەت قاپلان بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى ياسېر خان تاراتقۇلارنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سادىق خان ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پاكىستاندىن ئەنگلىيەگە كۆچۈپ بارغان مۇسۇلمان كۆچمەنلەردىن ئىكەن. ئۇ لوندونغا شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى برىتانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋەزىپىسىدە بولغان ئىكەن.