دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
25-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى «خۇۋېر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە «نېمىشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا كۆز يۇمىدۇ؟» ماۋزۇلۇق بىر پارچە چوڭ ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە نەتىجىدە بۇ زۇلۇمنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. ھالبۇكى، ھازىرغىچە بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورى بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزەتكەن. ئۇ ئۆزىنى «ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەيدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ناھايىتى زور بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىك، ئىقتىسادىي شېرىك دەپ قارىغانلىقتىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇشنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بىر مۇسۇلمان تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى، 2001-يىلى ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھە دەپ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەدرىجىي يامانلىشىپ ئاخىرى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدەك رېئاللىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.