بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا 79 كۈن قانۇنسىز سولىنىپ، سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، پاسپورتى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ، خوتەندىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن 25-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۈستىدىن بېيجىڭدىكى خىتاي ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىلدى.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 26-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مۇتەللىپ ئىمىن ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ 21-نويابىر كۈنى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ تور بېكىتى، تەڭرىتاغ تور بېكىتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، 79 كۈن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نەزەربەند قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئەرز قىلىش خەت ساندۇقىغا ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرىنىڭ خەت ساندۇقىغا ئەرز ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەرزىنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەللىپ ئىمىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم توردا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا توردا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئەرز قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىمنى تور بېكەتلىرى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تاللىدىم. ھازىرغىچە، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ قانۇن سەھىپىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى نازىرىنىڭ شەخسى خەت ساندۇقىغا ئەرز خەتلىرىمنى ئەۋەتتىم» دېگەن.
مۇتەللىپ ئىمىن يەنە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق پەقەت ئۆزىنىڭلا قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەن زىيارىتى جەريانىدا يولۇقۇۋاتقان تەھدىت ۋە ئاۋارىچىلىكلىرىنى پاش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.