ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەپتە،ھەرقايسى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاممىنى ئۆزىنى مۇخبىر ئاتىۋالغانلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ۋە بۇ ئەھۋاللارنى دەرھال ئىنكاس قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن بىرقاتار توقۇنۇشلاردىن كېيىنكى ئۇچۇرنى قامال قىلىشتا قوللانغان ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا،يېقىندا بىرقىسىم جايلاردا ئۆزىنى مۇخبىر دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېلېفون زىيارىتى قىلىپ،"مارالبېشى ۋەقەسى"،"لۈكچۈن ۋەقەسى"قاتارلىقلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەندىن باشقا، زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ۋەقەلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى سورىغانلىقى بايان قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدىن بۇنداق ئەھۋاللارنى دەرھال ئىنكاس قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
16-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز خىتاي بۆلىمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ ئەپەندى، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرچە،خىتايچە نۇسخىلىرىنىڭ كوچىلارغىمۇ چاپلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،ئۇقتۇرۇشتا شەھەر ئاھالىسىدىن ئۆزىنى مۇخبىر دەپ ئاتىۋالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا، جەمئىيەت ھەققىدە ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
