«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە مۇخبىرىنىڭ خىتايدىكى تىبەتلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى سەۋەبلىك، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىر مۇخبىرغا تېلېفون قىلىپ، تەھدىت سېلىشى قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا خاس قىلمىشتۇر. چوڭ دۆلەت دىپلوماتلىرىغا يات بولغان بۇنداق قىلمىشلارنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ !
«فىرانسىيە 24 قانىلى» مۇخبىرى سيرىل پايېننىڭ «تىبەتتىكى يەتتە كۈن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى 30-ماي فىرانسىيە تېلېۋىزورلىرىدا تارقىتىلغان.
فىلىمدە، لخاسادىكى خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرى، شەھەر كوچىلىرىدىكى كۆزىتىش كامېرالىرى، ساقچىلارنىڭ تىبەتلەرنى ئاختۇرۇپ- تەكشۈرۈشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمدە يەنە، يېقىندىن بۇيان تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىمۇ ئېغزاكى بايان قىلغان.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، خىتاينىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانا خادىمى سېيرىل پايىنغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، بۇ مەزگىلدە سېيرىل تايلاندقا كەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ئەلچىخانا خادىمى «فىرانسىيە 24 قانىلى»غا بېرىپ فىلىمنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ تەلەپنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانا خادىمى سېيرىلغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. سېيرىل ئۇنىڭغا مېھمانخانىدا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خادىمى ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللىغان.
10-ئىيۇن خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى فىرانسىيە مۇخبىرىغا ئاخىرقى قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تىبەتكە بارغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاخباراتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، خىتاي ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىر بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.