خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاينى چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە سەمىمىي بولۇشقا چاقىردى

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان جۇ رۇيفىڭغا ئائىت بارلىق تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

جۇ رۇيفىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ شەخسى تور بلوگىدا پاش قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا بۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۇنىڭ شەخسى بلوگىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆچۈرۈۋېتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئائىت جەمئىي 4 بلوگ ۋە تور بەتنى تاقىۋەتكەن.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى باياناتىدا، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتىكى سەمىمىيلىكىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

جۇ رۈيفىڭ ئىلگىرى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 2006-يىلىدىن باشلاپ، 100 دىن ئارتۇق ئەمەلدارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىغا ئائىت ئىسپاتنى پاش قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاران ئۈچىنىڭ ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.