ميۇنخېن شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم ئۆلگەن

جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر قانچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ساقچىلار ھۇجۇمچى ياكى ھۇجۇمچىلارنىڭ ھازىرغا قەدەر قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە «بىلد گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى ميۇنخېن ئولىمپىك مەيدانى يېنىدىكى سودا سارىيىدا بىر قانچە ئادەمنى ئوققا تۇتۇپ، ئاندىن شۇ ئەتراپتىكى مېترو ئىستانسىسى تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتكەن. ميۇنخېن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بىرقانچە ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى» دېگەن.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن جاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشخانىسى ۋە شۇ ئەتراپتىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىغا يېقىن بولۇپ، ھۇجۇمدىن قاچقان بەزى ئاھالىلەر د ئۇ ق نىڭ ئىشخانىسى ۋە تەكلىماكان رېستورانىغا قېچىپ كىرىۋالغان.

ھازىر ساقچىلار ھۇجۇمچى ياكى ھۇجۇمچىلارنى ئاختۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئاھالىلەرنى تالاغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ھۇجۇمنى كىمنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما بۇ گېرمانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن 2‏- قېتىملىق ھۇجۇم.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال باۋارىيەنىڭ ۋۈزبۇرگ شەھىرىدە 17 ياشلىق بىر ئافغانىستان مۇساپىر بالا پويىزدا پالتا ۋە پىچاق بىلەن يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 5 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. ھۇجۇمچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا شەرقلىق مۇساپىر ئېقىپ كىرگەن گېرمانىيەدە كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىپ قويغان ئىدى.