«ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ يالغانلىرىنى تەكرارلىغان

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا سۆھبەتكە قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا نەق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى تەكرارلاپ كەلگەن يالغان-ياۋىداقلىرىنى قايتا بازارغا سالغان.

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا، ۋاڭ يىدىن سوئال سورىغان رىياسەتچى گېرمانىيەنىڭ ۋالكىسۋاگېن ۋە BASF شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلانغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «ھۆكۈمىتىڭلار بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئەمدى ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىرەر پىلانىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ۋاڭ يى بۇنىڭغا نەق جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ، «شىنجاڭ ھەققىدە يالغان-ياۋىداقلار بەك كۆپ» دېيىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان. ئاندىن خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەشۋىقاتىنى تەكرارلاپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان ۋاقىتتا 2 مىليونغىمۇ يەتمەيتتى، ھازىر 12 مىليونغا يەتتى، نەدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسۇن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۆز ۋاقتىدىكى 30 ياشتىن ھازىر 75 ياشقا كۆتۈرۈلدى. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى ئەمەسمۇ؟ ھەر 500 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سىياسەت» دېگەن.

ئەمەلىيەتتە 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازلىغانلىقى، كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ بىراقلا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بولسا، مەسچىتلەرنىڭ كۆپلەپ چېقىلغانلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلانغانىدى.

خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن 17-فېۋرال كۈنى X تە ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى بېسىش ئۈچۈن يالغان، خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلدى، بۇ ئۇچۇرلار بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال تامامەن ئوخشىمايدۇ، بولمىسا شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار» دېگەن گەپلىرىنى تارقاتقان.

ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگۈچىلەر، ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ۋاڭ يىنىڭ دېگەنلىرىدەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بېرىشقا ياكى ئۇ يەردە يالغۇز ئايلىنىشقا يول قويمايدۇ، ھەتتا مۇخبىر ۋە دىپلوماتلارمۇ ئۇ جايغا ئەركىن بارالمايدۇ. بارغۇچىلار ئۇ يەردە تەقىب-نازارەتكە ئېلىنىدۇ، تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، ياكى شىنجاڭغا كىرگۈزۈلمەيدۇ» دەپ يازغان.