خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىچى قۇرۇلمىسىنى خىتايچە شەكىلگە ئوخشىتىشقا كۈچ سەرپ قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مىڭ يىللارچە داۋام قىلىپ كەلگەن ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشى زور دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەركەن ناھىيىسى ئاۋات يېزىسى يېقىندا يېڭى ئارىش كەنتىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېڭىچە گۈزەل ھويلا-ئارام بەرپا قىلىش ئۈلگىلىك كەنتى» قىلىپ قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە بۇ كەنتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار كەنتكە خىزمەتكە چۈشكەن خىتاي سېكرېتار جوڭ خەننىڭ «گۈزەل ھويلا بەرپا قىلىش» چاقىرىقى بويىچە ھويلىلىرىغا پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، پېدىگەن دېگەندەك كۆكتاتلارنى تېرىشنى باشلىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قوش ئېرىق يېزىسىدا مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ بارلىق قورشاۋ تاملار، ئوچاقلار چېقىپ تاشلانغان. شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ھويلىسىغا ئۈزۈم بارىڭى ئورنىتىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىش دېگەندەك يېڭىلىقلارنىڭ پەيدا بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكادىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى تىكىش، ھويلىنى گۈل-چېچەككە تولدۇرۇشنى ئادەت قىلغان بىر خەلق. ھويلىغا كۆكتات تېرىش قورساقتىن باشقا غېمى يوق خىتايلارنىڭ ئادىتى،» دېدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش قىلمىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.