ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان ياۋايىلارچە ۋەھشىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك بىر قەدەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ 23-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «بۇ جازا ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىپ خىتاينىڭ خورلىشىغا قارشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدىغانلىقىنىڭ مۇتلەق ئېنىق ئىپادىسى،» ئىكەن.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە 22-مارت كۈنى بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان 4 نەپەر ئەمەلدارى بىلەن بىر دۆلەت ئاپپاراتىنى جازالىغان. نەنسى پەلۇسى خانىم باياناتىدا يەنە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قىلغان زىيانكەشلىكى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان خىرس» ئىكەنلىكى ۋە بۇ خرىسنىڭ «دۇنيانىڭ تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن يىھەسى» نى كۈنتەرتىپكە قويۇش ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ھەرىكەتكە ئۆتۈدىكەن.
ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا «ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ تىبەت خەلقىغە، خوڭكوڭ خەلقىغە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاخباراتچىلارغا، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا ۋە پائالىيەتچىلىرىگە قىلغان زىيانكەشلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،» دېگەن.