شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى: «مۇستەبىت رەھبەرلەر قوراللىق كۈچ ئىشلەتسە تېگىشلىك جاۋابىنى ئالىدۇ»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)نىڭ باش سېكرىتارى جېنس ستولتېنبېرگ، 5-يانۋار كۈنى نورۋىگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر مۇستەبىت رەھبەرلەر قورال ئىشلەتسە، تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ستولتېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىدىن ساۋاق ئېلىشى، خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

ستولتېنبېرگ «نورۋېگىيە كارخانىچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلسا، بۇنىڭ ئۇكرائ‍نالىقلار ئۈچۈن تراگېدىيە، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خەتەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پۇتىنغا ۋە باشقا مۇستەبىت رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈدىغان ئۇچۇر شۇكى، ئەگەر ئۇلار ھەربىي كۈچ ئىشلەتسە، تېگىشلىق جاۋابقا ئېرىشىدۇ» دېگەن.

ستولتېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن شۇ ساۋاقلارنى ئېلىشى، بولۇپمۇ مۇداپىيەنى كۈچەيتىشى، مۇستەبىت دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: «بىز بۇ خاتالىقنى باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەرگە تەكرارلىماسلىقىمىز، بولۇپمۇ خىتايغا تەكرارلىماسلىقىمىز كېرەك. بىز ھالقىلىق خام ئەشيا ۋە مەھسۇلاتلاردا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ قېلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، بىز ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە تەھدىت سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلماسلىقىمىز شەرت.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر پورت، تۆمۈريول، تېلېفون ئالاقىسى ۋە G5 تور قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا كونتروللىقنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە «بىز بىلەن خىتاي داۋاملىق سودا قىلساقمۇ، لېكىن بىز بۇنى چوقۇم بىخەتەرلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېگەن.