ناتونىڭ باش كاتىپى جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان
2023.01.31
«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ 30-يانۋار كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ناتونىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ(Jens Stoltenberg ) 29-يانۋاردىن باشلاپ جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىيەدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا ناتو بىلەن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
ستولتېنبېرگ جەنۇبىي كورىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە جەنۇبىي كورىيەنى ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ: «ئەگەر بىز مۇستەبىتلەر ۋە زوراۋانلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى خالىمىساق، ئۇنداقتا ئۇكرائىنالىقلار قورالغا مۇھتاج، مانا بۇ ئەمەلىيەت» دېگەن. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە خىرىسلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رايونلار ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ستولتېنبېرگ 31-يانۋار كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنياغا ئەڭ ئېغىر خەتەر ئېلىپ كەلدى، دېگەن.
ستولتېنبېرگ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ قالسا، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە تەيۋەنگە زومىگەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «بۈگۈن ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىشلار ئەتە شەرقىي ئاسىيادا يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنى تونۇپ، ئۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.