شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) 11-ئىيۇل كۈنى لىتۋا پايتەختى ۋىلنۇستا باشلانغان NATO غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ NATO ئەزا بولۇش باسقۇچى قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئۈچۈن، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىنى ئەيىپلەشنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئاستىرتتىن قوللىغان خىتاي ئۈچۈن كۈچلۈك سىگنال، دەپ قارالماقتا. NATO نىڭ بۇ يېڭى قارارى تۈركىيە ئۇزۇندىن بېرى تىرەجەپ كەلگەن شىۋېتسىيەنىڭ NATO ئەزا بولۇشىنى رەت قىلىش قارارىدىن ۋاز كېچىشىگە ئۇلاپلا ئېلان قىلىندى.
جېنس ستولتېنبېرگ 10-ئىيۇل مۇخبرلارغا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ NATO غا ئەزا بولۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقى، بۇ قارارنى تېز ئارىدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، ئەردوغان شۋېتسىيەنىڭ NATO غا كىرىشى توغرىسىدا «ئېنىق ۋەدە» بەرگەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغاندىن كېيىن، شۇنداقلا شۋېتسىيە تۈركىيەگە قارىتىلغان قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەنگەن (Schengen) دۆلەتلىرىدە ئەركىن ساياھەت قىلىشىنى قوللاشقا ۋەدە قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.
جېنس ستولتېنبېرگ 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، ئۇكرائىنانىڭ NATO غا ئەزا بولۇشى ئىككى باسقۇچلۇق جەرياندىن بىر باسقۇچلۇق جەريانغا قىسقارتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك پىلان، شۇنداقلا ئۇنىڭ NATO ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ئېنىق يول» دىگەن. جېنس ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقىغا بىر ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ بېكىتىلمەسلىكىنى «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ۋە قۇرۇق گەپ» دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن بۇ قارارنى ئېلان قىلغان. لېكىن جېنس ستولتېنبېرگ «ئۇكرائىنا شەرت-شارائىت پششىپ يىتىلگەندە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇلغاندا NATO غا ئەزا بولۇشقا رەسمى تەكلىپ قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.