NATO باش كاتىپى ستۇلتېنبېرگ: «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئۇلارنىڭ نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكانىڭ «CNBC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) 8-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ھەققىدە توختالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئامېرىكادا بايقالغان جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە خەۋپسىزلىك خىرىسى پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقە بىزگە خىتاينىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بىز خىتاينىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى كۆزىتىش ۋە ئىستىخبارات تېخنىكىلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ دائىملىق خەۋپىدىن ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۆزىمىزنى قوغداش ۋە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ھەرىكەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.»

ستولتېنبېرگ سۆزىدە خىتاينىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئىقتىدارىنى ناھايىتى يوشۇرۇن ھالدا كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ ھەمدە موسكۋا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ».

ستۇلتېنبېرگ يەنە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھازىر خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مانا بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى سۆھبىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى» دېگەن.

ئامېرىكا 4-فېۋرال كۈنى خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھاۋا شارنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ھەم بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنى يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.