جىنس ستولتېنبېرگ NATO دۆلەتلىرىنى خىتايغا تايىنىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
2022.11.22
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى، يەنى NATO باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ 21-نويابىر ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن NATO پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدا NATO دۆلەتلىرىنى خىتايغا تايىنىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. جىنس ستولتېنبېرگ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تەمىناتىدا رۇسىيەگە تايىنىپ قالغانلىقى، ھازىر ئۇنىڭ ئېنېرگىيەنى قورال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى، ئىتتىپداقداشلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىشىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، لېكىن يېڭى تەمىنلەش يوللىرىنى ئېچىشتا ئېھتىيات قىلىشنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئېھتىيات قىلىشنى تەكىتلىگەن.
ستولتېنبېرگ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مۇھىم سانائەت ساھەلىرىنى كونترول قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلىرى، جۈملىدىن بىزنىڭ تېلېفون، ماشىنىلىرىمىز ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ساھەنى قاپلىدى. بىز ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگە بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى قوللىنىپ، بىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش پۇرسىتى بەرمەسلىكىمىز كېرەك».
ستولتېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، «شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بەك مۇھىم» ئىكەن. جىنس ستولتېنبېرگ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۇستېن لىلويىد 21-نويابىر خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى «بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خەتەرلىك خاھىشلىرى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بىر ۋاقىتتا تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۇستېن لىلويد يەنە ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارا قانۇن يول قويغان ھەرقانداق جايدا ئۇچۇش، دېڭىزدا يۈرۈش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»، شۇنداقلا «رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ھەم ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى ئېيتقان.