ناتو (NATO) ياپونىيەدە ئىش بىجىرىش ئورنى ئاچىدىكەن
2023.05.04
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياپونىيەدە ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئاچىدىكەن.
ياپونىيەنىڭ «نىككى ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى توكيودا ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئېچىش ئارقىلىق ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ ناتو ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ خىتاي تىنچ ئوكيان رايونىدا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىت ۋە رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىدىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياپونىيە بىلەنمۇ ئايرىم ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، ئۇلار 11-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى ھەمكارلىق پروگراممىسى ئىمزالاشنى كۆزلىمەكتىكەن. ناتو ۋە ياپونىيە تەرەپ تور تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىكىلاردا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىش ۋە ساختا ئۇچۇر ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
ناتونىڭ ياپونىيەدە ئىشخانا ئېچىش پىلانى، ياپونىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.
ياپونىيەدىكى دانىيە ئەلچىخانىسى ناتونىڭ ئالاقىلىشىش نوقتىسى بولۇپ، دانىيەنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتېر تاكسو-جېنسېن «نىككېي ئاسىيا» غا قىلغان سۆزىدە، ناتونىڭ ياپونىيەدە ئىشخانا ئېچىشىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ سىموۋل خاراكتېرلىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «بۇ ياپونىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ۋە ھەقىقىي يولى بولىدۇ» دېگەن.
كېيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مىچىتو «تىسۇروئوكا» گېزىتكە قىلغان سۆزىدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ناتونىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، «خىتاي ئۆزى پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپنى ئاز دەپ، رۇسىيەنىڭمۇ قوللىغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. مانا بۇ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» دېگەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئوئانا لۇنگاسكۇ (Oana Lungescu) 3-ماي كۈنى «نىككېي ئاسىيا» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، «بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز، مەنپەئەتىمىز ۋە شۇنداقلا ئۇكرائىنانى قوللاش، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر پەيدا قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك خىرىسىنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش قايغۇلىرىمىز ئورتاق. بىزنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا، ياۋروپادىكى خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا، شۇنداقلا گرۇزىيە، ئۇكرائىنا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، مولدوۋا ۋە كۇۋەيتتە ئالاقىلىشىش ئىشخانىلىرى بار ئىكەن.