ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 9-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادا ناتوغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان. بۇ يىغىندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن بۇيان سەرپ بولۇۋاتقان ھەربىي چىقىملار، شۇنداقلا رۇسىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي مۇھىم تېما بولىدىكەن.
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 7-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 يىل بۇرۇن ناتو تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمايدىغان خىتاي بۇ قېتىم نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا سېلىۋاتقان تەھدىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن. ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا داۋاملىق ياردەم بەرگەنلىكى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگە جاسۇسلۇق، تور ھۇجۇمى ۋە يالغان-خاتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن؛ خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ، تەيۋەننى قوللىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى جازالاپ كەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىكەن. ئىلگىرى خىتاينىڭ تەھدىتى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئارىسىدا بەزى ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم خىتايغا قارشى كۆز قاراشتا بىرلىك خېلىلا كۈچەيگەن. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى» ئېلىپ كەلگەن تەھدىت بۇنىڭغا مۇھىم سەۋەب بولغان.
ناتو رەھبەرلىرى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىم خىتايغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 2022-يىل ناتو ئۆزىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك پىلان» ناملىق يېتەكچى ماتېرىيالىدا خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇۋاتقانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك بولغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، «خىتاينىڭ قارا نىيىتى ۋە زومىگەرلىكى مەنپەئىتىمىزگە، خەۋپسىزلىكىمىزگە ۋە قىممەت قارىشىمىزغا تەھدىت سالماقتا» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ناتونىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ خىتاي گەرچە رۇسىيەنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىق ياخشى ئۆتۈشنى، بولۇپمۇ ياۋروپا بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىن بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئىككى كېمىگە تەڭ دەسسىيەلمەيدۇ. خىتاي ئەگەر نىيىتىدىن يانمىغان تەقدىردە، ئىتتىپاقداشلار چوقۇم خىتايغا بەدەل تۆلىگۈزۈشى كېرەك» دېگەن.