ناتو بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە بىلەن خىتايغا كۈچ كۆرسىتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، ناتو (NATO) رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» 20-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ناتو ياۋروپا ھاۋا بوشلۇقىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ كۆلەمدە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. ناتونىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانى بۇ مانېۋىر ھەققىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە زوراۋانلىق ئۇرۇشى قوزغاش ئېھتىمالىغا قارشى مەشىقلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھاۋا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس قىلغان بۇ مانېۋىرغا گېرمانىيە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، مانېۋىرغا كىرگەن 250 ئايروپىلان ئىچىدە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار، ئامېرىكانىڭ F-35 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن ياپونىيە بىلەن شىۋېتسىيەدىن 10 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەشىقلىرى ئېلىپ بارغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان بۇ مانېۋىردا بىرلەشمە ئارمىيە ئايروپىلانلىرى بالتىق دېڭىزىنى بويلاپ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە چېگراسى ئارىلىقىدا ۋە قارا دېڭىز ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ، ئەسكەرلەرنى ئايروپىلاندىن سەكرىتىش، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە لىنىيەلىرىنى پارتلىتىش، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش قاتارلىق مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان.

مانېۋىرغا قوماندانلىق قىلغانلاردىن ئامېرىكالىق گېنېرال لېيتېنانت مايكول لوھ (Michael A. Loh) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ياۋروپانى قوغداشلا ئەمەس، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ياپونىيە بىلەن كورېيەنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ مانېۋىرنى پىلانلىغان گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئىنگو گېرھارتىز (Ingo Gerhartz) بۇ مانېۋىر ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتايغا كۈچ كۆرسىتىپلا قالماي، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە خەلقلەرگە ئىشەنچ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.