NATO ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى دىققەت قوزغىماقتا
2022.07.14
«شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئېچىلغان يىغىنلىرىغا مەزكۇر ئىتتىپاققا ئەزا بولمىغان ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇقىم قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ھەرىكەت دائىرىسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلمەكتىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا رايونىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان «خىتاي خىرىسى» ھەققىدىكى ئەندىشىلەر بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، خىتاي خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتەك يېڭى يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن دېرېك شوللېت (Derek Chollet) بۇ مەسىلە ھەققىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭچە ئۆتكەن ئون يىلدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بىزنىڭ ئىلگىرىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىش كۆرۈش شەكلىدە ۋۇجۇدقا كەلمەكتە» دېگەن. دەرۋەقە جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى يۇن سۇكيول (Yoon Suk-yeol) مادرىدتىكى NATO يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەدىن كېلىۋاتقان يادرو تەھدىتى ئالدىدا تېخىمۇ زور دۇنياۋى رول ئېلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان.
نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە سەھىيە ساھەسىدە قانات يېيىشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە كۈچەيمەكتە. 13-ئىيۇلدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «رونالد رېگان» (Ronald Reagan) ناملىق ئاۋىئاماتكا ھۇجۇمچىلار گۇرۇپپىسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى قىلغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ قوماندانى فرېد گولدخەممېر (Fred Goldhammer) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ :«بىزنىڭ بۇ جايغا كېلىشىمىز ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن بولۇشىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر» دېگەن.