NATO نىڭ خىتايغا قارشى مەيدانى رەسمىي جاكارلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.01

«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ 30-ئىيۇندىكى مادرىد يىغىنىدا خىتاي ۋە رۇسىيە رەسمىي ھالدا «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ خۇلاسىلەنگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئىزچىل قوللاپ ھەمدەمدە بولغانلىقى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر قارار ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 30-ئىيۇندىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، NATO نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن قارارىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۇنيا مىقياسىدىكى قانۇنىي تەرتىپلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا» دېيىلگەن. قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قۇۋۋەتلىرىنى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىپ قوشنىلارغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، توختاۋسىز تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ بىخەتەرلىككە خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك تېخنولوگىيە ۋە سانائەت دۇنياسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي يەر ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 1949-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھېچقاچان خىتاينى «تەھدىت» دەپ قاراپ باقمىغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى مادرىد يىغىنىغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ قارارنى تولۇق قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «رۇسىيە بىلەن خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەر بىر-بىرىدىن ئاجرالمايدۇ. شۇڭا ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ،» دېگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مادرىد يىغىنىنىڭ قارارى NATO نىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولىدىكەن. شۇنداقلا 12 يىللىق تارىخقا ئىگە «ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە» قارىشىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ «ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە» دە رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ» دېيىلگەن بولسا، خىتاي ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ NATO بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىزچىل دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مەركەز قىلغان ھالدىكى قۇتۇپلار كۈرىشىدە بۇ خىل مۇناسىۋەت ئاخىرىقى يوسۇندا يىمىرىلگەن ھەمدە مۇشۇ خىل دەۋر بۆلگۈچ يېڭى قارار قوبۇل قىلىنغان.

NATO نىڭ مەزكۇر يېڭى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەكمۇ پەرىشان بولغان ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «NATO تېخىچە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇسلۇب ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بىرتەرەپلىمىلىك بويىچە مەسىلىلەرنى كۆزىتىشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلار ئاشۇ NATO ئەمەسمۇ؟» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.