7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناتونىڭ يېتەكچىلىكىدە لىتۋانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتايغا قارشى كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.
بۇ ھەقتە «ئەلجەزىرە» تورىنىڭ 12-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ناتو باش كاتىپى، گېنېرال جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) تەشكىللىگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە كورىيە رەھبەرلىرى ناتونىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئېلان قىلغان بىرلەشمە بايانات ئەمەلىيەتتە خىتاي تەھدىتىگە قارشى بېرىلگەن بايانات ئىكەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، غەرىزى ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشى مۇتلەق مەخپىي. ئۇلار يەنە يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغاپ، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇپ، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالماقتا» .
باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئىككىسىنىڭ بىرلىشىپ خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ناتو ئۈچۈن مۇھىم رايون ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشنىڭ ياۋروپا ۋە ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي بۇ باياناتنى ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ناتونىڭ ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن ھەمدە «كىمكى خىتاينىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن خىتاي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ» دەپ تەھدىت سالغان. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، «ناتو دېگەن بۇ تەشكىلات ئامېرىكانىڭ قورال-نەيزىسى، دۇنيادىكى بارچە ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى» دەپ ئەيىبلىگەن.