NATO باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيە مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللاشنى توختىتىش ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ستولتېنبېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي غەرب بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك ئىكەن. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 25-ئاپرېل بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ستولتېنبېرگنىڭ سۆزىنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولغانلىقى، خىتاينىڭ بىر ياقتىن رۇسىيەگە ياردەم قىلىپ، بىر ياقتىن غەرب بىلەن ياخشى ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ مەزكۇر باش كاتىپى، 25-ئاپرېل بېرلىندا زىيارەتتە بولۇپ، غەرب ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە بېرىۋاتقان ياردىمى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكىلارنى موسكۋا بىلەن ئورتاقلىشىشىنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئىقتىسادىغا يەل بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دېگەن: «خىتاي غەرب بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى ياۋروپادا پارتلىغان ئەڭ چوڭ قوراللىق توقۇنۇشقا يەل بەرمەكتە. ئۇ ھەر ئىككىسىنى بىر ۋاقىتتا قىلالمايدۇ.» ستولتېنبېرگنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ۋە ياۋروپانىڭ ئېمبارگو قارارىغا خىلاپلىق قىلغان تېخىمۇ كۆپ شىركەتلىرىنى جازالىماقچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى 26-ئاپرېل كۈنى خىتاي دىپلوماتلىرىغا ئېمبارگو قارارىغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئىكەن. ستولتېنبېرگنىڭ 25-ئاپرېل بېرلىندا تەكىتلىشىچە، «ئۆتكەن يىلى، رۇسىيە ئۆزىنىڭ مىكرو ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تانكا ۋە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلگەن» ئىكەن. خەۋەرلەردە، ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ نازارەت قىلىش تېخنىكىسى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان «توڭفاڭ سىن تېخنىكىسى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ۋارشاۋا، روتتېردام شەھەرلىرىدىكى ئىشخانىسىنى ئاختۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.