NATO ياۋروپانى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.21

«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) 18-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا خەۋپسىزلىك مەجلىسىگە ئۇچۇر يوللاپ «ياۋروپانىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋاقتى كەلدى. بىز ئەمدى خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا يۈزلىنىشىمىز لازىم» دېگەن.

«سىياسىيون» گېزىتىنىڭ 18-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش كاتىپ جىنس ستولتېنبېرگ بۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا ئېنىق قىلىپ «ياۋروپادا بۈگۈن بولۇۋاتقان ئىشلار ئەتە ئاسىيادا يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېگەن. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن خىتاي پائال تۈردە رۇسىيەنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر ئۇرۇش مەيدانى پەيدا قىلىش نىيىتىنى ئاشكارىلىغان.

باش كاتىپ جىنس ستولتېنبېرگ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىدا غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولىدىغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىن نېرى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپلا قالماستىن غەرب ئەللىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەسىلىلەردە جەزمەن بىردەك ھەرىكەتتە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئەمدى بۇ خىل خاتالىقنىڭ خىتاينىڭ قولىدا يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىنى چەكلىشىمىز لازىم» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى دۇنيا خەۋپسىزلىك مەجلىسىگە قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تولغان ئۇچرىشىش» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە بىلىنكېن ئەپەندى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا، جۈملىدىن ھاۋا بوشلۇقىمىزغا دەخل-تەرۇز قىلىش مەزمۇنىدىكى ھېچقانداق ھەرىكەتنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز ئىشلار بۇندىن كېيىن قەتئىي يۈز بەرمەسلىكى لازىم. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ماددىي ئەشيا ئ‍ارقىلىق ياردەم بەرسە بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.