بېيجىڭلىق بىر ناخشىچى يازمىسىدا خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنى پارتلاتقۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى مەزكۇر تېكىستنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ناخشىچىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بېيجىڭدىكى پائالىيەتچى خۇ جىيا ناخشىچى ۋۇ خوڭفېينىڭ «چاتاق تېرىش» جازاسى بىلەن دۈشەنبە كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋۇ خوڭفېي ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۆزىنىڭ مىكروبولوگىغا بىر يازما يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش كومىتېتىنى پارتلىتىۋېتىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر كومىتېتتا ئىشلەيدىغان بارلىق خادىملارغا غەزىپىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە، ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق يازغانلىقىنى ئىزاھلىمىغان بولسىمۇ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ يازمىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ياشلىرىدىكى بۇختۇرۇملۇق كەيپىياتى ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئۆي باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆي ئېلىشقا قادىر بولالمايدىكەن. ئۇلار ئوي باھاسىنى كونترول قىلىشتا ھېچقانداق رولى بولمىغان ھۆكۈمەت ئوي باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەن.