قازاقلار ئاستانا ئايرودرومىنى نازاربايېفنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدىكى ئاستانا خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ «نۇرسۇلتان نازاربايېف خەلقئارا ئايرودرومى» دەپ ئاتاش قارار قىلىنغان بولۇپ، پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، يېقىندا قازاقىستان باش مىنىستىرى باقىتجان ساغىنبايېف بۇ ھەقتىكى مەخسۇس قارارغا ئىمزا قويغان.

بۇ ئايرودرومدا يەنە يېڭى خەلقئارالىق ئۇچۇش-چۈشۈش يولى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يول يىلدا بەش مىليون ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، نۆۋەتتە، ئاستانا خەلقئارا ئايرودرومى كۆلىمى چوڭ ئايرودروملارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ ئەسلىدە مەزكۇر ئايرودرومنى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ نامىدا ئاتاش 2009-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان. ئاخىرى بۇ قارار ئەمدى چىقىرىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ نامىنى خەلقئارالىق ئايرودروملارغا قويۇش يېڭىلىق ئەمەس، 2017-يىلى، 4-ماي كۈنى تاشكەنت خەلقئارا ئايرودرومى مەرھۇم ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىدى.

1989-يىلىدىن بۇيان قازاقىستاننى ئىدارە قىلىۋاتقان نازاربايېفقا ئىلگىرى -كېيىن قازاقىستان خەلقىنىڭ «ئەل باشى» دېگەندەك بىر قاتار شەرەپ ناملىرى بېرىلگەن ئىدى.