NBA چولپانى ئەنەس كانتەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان
2021.11.01
ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى NBA نىڭ تۈرك ۋاسكېتبول چولپانى ئەنەس كانتەر 31-ئۆكتەبىر تۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، دۇنيانى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئەنەس كانتەر يەكشەنبە كۈنى يوللىغان ئۇچۇرىدا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى خۈدۈكى بار زوراۋان شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك،» دېگەن.
ئەنەس كانتەر بۇ ئۇچۇرنى بىر كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى تېزراق ماقۇللاشقا چاقىرىش نامايىشىغا قاتنىشىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلغان.
ئەنەس كانتەر تۋىتتېردا يەنە ئاۋسترالىيەلىك ئاتاقلىق خىتاي كارتۇنىست با ديۇساۋ لايىھەلىگەن «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ‹ياق! ›» دېگەن خەت يېزىلغان تەنتەربىيە ئاياقلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ بۇ ئاياقلارنىڭ بىرىنى 30-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندىكى ۋىرايزون مەركىزىدە «ۋاشىنگتون سېھرىگەرلىرى» بىلەن ئۇنىڭ «بوستون كىلىتلقىلار» كاماندىسى ئوينىغان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە كىيگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئاياقلىرىغا «كىشىلىك ھوقۇق بولمىسا، مۇسابىقە يوق»، «مۇسابىقە يۆتكەلسۇن» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىرگە يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بايرىقى، شۇنداقلا خوڭكودىكى نامايىشنىڭ سىمۋۇلى بولغان قارا رەڭ ئۈستىگە خوڭكوڭ بايرىقىدىكى ئاق بوخىمىيە گۈلىنىڭ چېچىكىمۇ چۈشۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەنەس كانتەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ تور سەھىپىلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. بىراق ئامېرىكادىكى «دۆلەت مەنپەئەتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ NBA ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ، NBA بىلەن «بوستون كىلىتلىقلار» كاماندىسى ئەنەس كانتەرنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەن.