يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇرغىلاپ چارلاش نەتىجىسىدە، يەنە نۇرغۇن نېفىت زاپىسى بايقالغان.
خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايون نېفىت شىركىتى بۇ يىل باھار كىرگەندىن بۇيان جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى چېپەيزى، جىنلۇڭ رايونى ۋە شيايەن رايونىدا كەينى-كەينىدىن ئۈچ نېفىت گازلىقىنى بايقىغان.
يېڭىدىن بايقالغان تەبىئىي گاز سۈپىتى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، مىقدار جەھەتتىمۇ كۆپ بولۇپ، پەقەت ‹‹جىنلۇڭ›› رايونىدا بايقالغان كاننىڭ ئۆزىدىلا 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت قاتلىمى بارلىقى ئىسپاتلانغان. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالى گىرۋىكىگە جايلاشقان چېپەيزى نېفىتلىكىنىڭ 364-قۇدۇقىدا بايقالغان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 40 كۋادرات كۇبمېتىرغا يەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدىن چىقىۋاتقان بۇ بايلىقلاردىن مەنپەئەتلىنىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەققى بولغان بۇ بايلىقلارنى ئاچقاندا يەرلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ كۆچمەن يۆتكەش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.