خىتاي نېفىتچىلىك گۇرۇھى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن غايەت زور نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان


29 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي نېفىتچىلىك گۇرۇھى بايانات ئېلان قىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىن غايەت زور نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا مەزكۇر نېفىتلىك «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە 150 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرالايدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى غايەت زور نېفىتلىككە «شۈنبېي نېفىتلىكى» دەپ خىتايچە نام قويغان بولۇپ، ھازىرقى مۆلچەردە ئۇنىڭ بايلىق زاپىسى بىر مىليارد 700 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە خام نېفىت زاپىسى 1 مىليارد 200 مىليون توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى 500 مىليون كۇپمېتىر ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر نېفىتلىكتىن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ھازىرقى كۈندىلىك نېفىت مىقدارى 185 توننا، تەبىئىي گاز مىقدارى 90 مىڭ كۈپمېتىر بولۇپ، ئۇ، خىتايدىكى مەھسۇلات سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا خەۋەر بېرىپ، تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى 400 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ يېقىلغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش مىقدارىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، يۆتكەش سۈرئىتىنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە تېزلەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.