چىڭداۋدىكى نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 9 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى خىزمىتىدىن توختىتىلدى

22-نويابىر جۈمە كۈنى چىڭداۋدا نېفىت تۇرۇبا يولى پارتلاپ 55 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى ئېغىر دەپ قارالغان يەتتە ئەمەلدار، 2 نەپەر تېخنىك خادىم خىزمىتىدىن توختىتىلىپ، تەكشۈرۈشكە يوللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى ئەتىگەن يۈز بەرگەن بۇ پارتلاشتا 55 ئادەم ئۆلگەندىن باشقا يەنە 100 نەچچە ئادەم يارىلىنىپ،9 ئادەم غايىب بولغان. قاتتىق پارتلاش يوللارنى يېرىۋەتكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا گاز، سۇ ۋە توك توختاپ قالغان.

دائىرىلەر 18 مىڭ ئادەمنى پارتلاش رايونىدىن تارقاقلاشتۇرغان. چىڭداۋ شەھەرلىك مۇھىت ئىدارىسى جۈمە كۈنى، دېڭىزغا نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما 3000 كۋادرات مېتىردىن 5000 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى دېڭىزغا ئېقىپ كەتكەن نېفىتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆزى خەۋەر قىلغان.

دائىرىلەر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇشىدا پارتلاشنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس» لىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.