ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئەركىنلىك جەڭچىسى نىلسون ماندىلانىڭ 95 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
مەجلىستىكى مۇراسىمغا قاتناشقان مەجلىس ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نىلسۇن ماندىلانىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش يولىدا قىلغان ئىش-پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ جاسارىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ پرېزىدېنت ۋاقتىدىكى دىپلوماتىيىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ ئۇنى «جەسۇر كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى، ھەقىقىي بىر سىياسەتچى» دەپ تەرىپلىدى.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابراھام لاسمور مەجلىستە سۆز قىلىپ «شۈبھىسىزكى، نىلسۇن ماندىلا ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى دىكتاتورلارغا باش ئەگمەي كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرگە ئۆچمەس مىراس قالدۇردى» دېدى.
نىلسۇن ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھاياتىنىڭ 27 يىلىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇن قېيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ قىلچىمۇ بوشاشماي بۇ يولدا كۈرەش قىلغان. ئۇ 1990-يىلى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1994-يىلى سايلام بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان. 1993-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئەركىنلىك يولى ھەرگىزمۇ تۈز بولمايدۇ»، «دۇنيا ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش خىتابنامىسى»، «ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.