نېپالدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان

نېپالدىكى مۇسۇلمانلار 29-نويابىر خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى، دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشىچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مىڭلىغان مەسچىدلەرنى چېقىۋەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان ۋەھشىيانە مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىگەن.

نېپالنىڭ پوكخارا شەھرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشنى «كاليانكارى ساماج» ناملىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. نامايىشنىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې خىتاي ھەربىي زىيارەت ئومىكىنى باشلاپ كاتماندۇغا كەلگەن كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشى نېپالدىكى مۇسۇلمانلارنىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى كاتماندۇنى زىيارەت قىلغاندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشى تۇنجى قېتىم ئىكەن.

«خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ كاتماندۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا خەت تاپشۇرغان. ئۇلار خېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشنى توختىتىشنى، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇسۇلمانلار نېپال ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 5 پىرسەنىنى تەشكىل قىلىدىكەن.