پۈتۈن دۇنيادىكى مودا كىيىم-كېچەك ساھەسى قىزىقىدىغان «نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى» (NYFW) ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە، باش شتابى نيۇ-يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە دىققەت تارتتى.
ئۇلار سۈرەت چۈشۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىملارنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى برۇكلىن كۆۋرۈكى، يېڭى مۇزېي ۋە خيات مۇنارى (Hyatt Tower) قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.
قىسقا فىلىمدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتىگە «دۇنيادىكى پاختا بىلەن ياسالغان ھەر 5 كىيىم-كېچەكنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسىلىدىغانلىقى، ئىستېمالچىلار ئەرزان دەپ سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دەل مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە تۇغماس قىلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇشى بەدىلىگە كەلگەنلىكى» قارا خەتلەر بىلەن يېزىلغان.
كۆرۈنۈشلەرگە «سىزنىڭ تېجەپ قالغانلىرىڭىزنىڭ بەدىلىنى ئۇلار تۆلەۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تور بېتىدە دېيىشىچە، مەزكۇر قىسقا فىلىم بۇ ئورگاننىڭ «باھاسى چۈشۈرۈلگەن ھاياتلار» ناملىق تۈرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇلار بۇ تۈر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئەرزان بولىدىغانلىقى، ئۇلار تېجىۋالغان ئازغىنە پۇلنىڭ ئارقىسىدا قانداق زور بەدەللەرنىڭ تۆلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى قىلىشنى نىشانلىغانىكەن.
ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن بۇ فىلىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ھەر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورگان، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نيۇ-يوركتىكى دەۋر مەيدانى ئېكرانىدا ھەمدە يەنە ئۆزى ساھىبخانىلىق قىلىدىغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى.