نىكاراگۇئالىقلار خىتاي شىركىتىنىڭ قانال ياسىشىغا قارشى نامايىش قىلدى


لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نىكاراگۇئا دۆلىتىدە يەكشەنبە كۈنى كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى قانال ياساشقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر شىركىتى نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، يېڭى قانال ياسىماقچى بولغان.

نامايىشچىلارنىڭ سانىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دېھقانلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە، ئۇلار قانال ياساشقا قەتىي قارشى چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن ياسىلىدىغان قانالنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە كەڭلىكى پاناما قانىلىدىن كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىكەن.

قانال ياساش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن ئاھالىلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى ۋەيران بولىدىكەن.

نامايىشچىلار نىكاراگۇئا پرېزىدېنتى دانىلە ئوتېگاننى جۇڭگولۇقلارغا سېتىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر قانال ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا باشلانغان،2020 - يىلى پۈتۈشى مۇمكىن ئىكەن.

نىكاراگۇئا ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم دۆلەت، ئۇ ئاتلانتىك ۋە تىنچ ئوكياننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 6 مىليوندىن ئارتۇق، نىكاراگۇئالىقلارنىڭ خىتاينىڭ قانال ياسىشىغا قارشى نامايىشلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.