پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشمەكچى بولغان نىككى خالېي: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىككى خالېي (Nikki Haley) 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدا ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي غايىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھىدىتلىرىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ: «مەن ئالۋاستىنى كۆرگەن، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئىران ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن. بۇ ۋىدىيو ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم كۆرگەن، 2000 قېتىمدىن ئارتۇق ھەمبەھىرلەنگەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان نىككى خالېي بۇ ۋىدىيودا قىلغان سۆزىدە يەنە: «جۇمھۇرىيەتچىلەر 7 قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى، بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىشى كېرەك. بەزىلەر ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىقىنى كۆردى. سولچىلار تارىخنى قايتا يېزىش پۇرسىتىنى پايلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنى بوزەك قىلالايمىز دەپ ئويلاۋاتىدۇ. سىلەر مېنى بىلىسىلەر، مەن زومىگەرلىككە چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ. سىلەر ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرسەڭلار، ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر زەخىمىگە ئۇچرىتىسىلەر» دېگەن.

سىياسەتچى ۋە دىپلومات نىككى خالېي جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى بولۇپ، 2011-يىلدىن 2017-يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. سابىق پرېزىدېنت دونالد تىرامپ دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان ۋە 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىسىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئايرىلغان.

نىككى خالېي ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، 2018-يىل ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» دىمۇ ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سېناتور ماركو روبىيو قاتارلىقلار بىلەن بىرگە خىتايدىكى ئېغىر تەقىب ۋە دىنىي زىيانكەشلىكنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.