ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە «نىشانلىق ياردەم» دە بولۇۋاتقان 19خىتاي ئۆلكىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلەرگە شېرىك، دەپ قارىماقتا

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى نۆۋەتتە بەس-بەستە 19 خىتاي ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە «نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. تەڭرىتاغ تورىدا «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش» سەرلەۋھىسى ئاستىدا تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 19 ئۆلكىنىڭ «ياردىمى» گە ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئون مىڭلارچە كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ خەۋەرلەردە بىردەك، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ھەرقايسى ناھىيەلەردە كىيىم تىكىش، پەلەي تىكىش دېگەندەك زاۋۇتلارنى قۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدەك بىر خىل مەزمۇن بايان قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ زاۋۇتلارنى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئورۇنلار شۇ، دەپ قارىماقتا.

دەرۋەقە خەۋەرلەردە، جىياڭشى ئۆلكىسى تەرىپىدىن ئاقتۇ يېزىسىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا 2000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، جياڭشىنىڭ 14 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، شۇ يىلى ئاقتۇ ناھىيەسى 2462 ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىچكىرى جايلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، «شەندۇڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «رۇيى پەن-تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» دە ئىشلەۋاتقان مەرھابا ئۇرايىمنىڭ «مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ بىر كۈنى رۇيى توقۇمىچىلىقىغا كىرىپ، بىر دېھقاندىن كۆك ياقىلىققا ئايلىنىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم» دېگەنلىكى، ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان شەندۇڭ جىنىڭ جۇڭشىڭ پەلەي گۇرۇھىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىگە ماكانلاشقانلىقى، جۇڭشىڭ پەلىيى، خەيياڭ كىيىم-كېچىكى قاتارلىق 60 نەچچە كارخانىنىڭ 365 زاۋۇتنى يۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىي 17 مىڭ 566 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىسپاتلىرى، دەپ قارىماقتا.

يېقىندىن بۇيان رادىيومىز تەرىپىدىن ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرغا قاماش بىلەن ماس قەدەمدە ھەرقايسى جايلارغا زور كۆلەمدىكى كىيىم-كېچەكنى ئاساس قىلغان تۇرولۇك زاۋۇتلارنى قۇرۇۋاتقانلىقى، لاگېردىكى ئىپادىسى ياخشى دەپ قارىلىۋاتقانلارنىڭ بولسا لاگېردىن چىقىپ مۇشۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. دەرۋەقە يۇقىرىدىكى خەۋەرلەردىمۇ زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىشىك ئالدىدىكى زاۋۇتلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى» داۋراڭ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن بىر يىل كېيىن يەنى 2010-يىلى ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى «ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى» دېگەن نام ئاستىدا 19 خىتاي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بەرگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆلكىلەر ھەر قايسى جايلارنى ئۆز ئالدىغا بۆلۈۋېلىپ، شىركەت ۋە فابرىكىلارنى قۇرۇپ، جايلارنىڭ بايلىقلىرى، ئەمگەك كۈچى ۋە بازارلىرىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلانماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنى 19 خىتاي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىشنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى ۋە يۇقىرىدىكى بۇ 19 ئۆلكىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئارقىلىق «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» بەرپا قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشىدا تايانچ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.