خىتاينىڭ 2010-يىلى باشلىغان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا «نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكە-شەھرىگە بۆلۈپ بېرىش قۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە مەدەنىيەت جەھەتتىكى سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىشكە ئۆتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى ۋە مۇئاۋىن نازىرى خو خەنمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە-شەھەرنىڭ ياردىمىدە «شىنجاڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش خىزمەت مېخانىزىمى» قۇرۇدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەپ، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇنداق بىر مېخانىزىمنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسىنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش ۋە دائىمىيلاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
يېقىندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت سارىيىدا «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بۇنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقىنى باشلىغان.
ئەنئەنىۋى سەنئەت، تىبابەت، گۈزەل سەنئەت، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە ئوپېرا قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىر ھەپتىدەك داۋاملاشقان كۆرگەزمىگە مىڭدىن ئارتۇق بۇيۇم قويۇلغان بولۇپ، بۇ بۇيۇملار ئارقىلىق خىتاينىڭ «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەرىدە ئېيتىلىشىچە، خو خەنمىن بۇ خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا دائىمىيلاشتۇرۇلۇپ، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.