12 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى شى جىنپىڭغا تۈرمىدىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشقا چاقىردى.
جەنۇبىي ئافرىقىلىق تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى تۈتۈنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ يازغۇچىلار مەكتۇپىدا ھازىرغىچە ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىش ئۈچۈن قىلىنغان «يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسى» نىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «ئەگەر سىلەرگە ئوخشاش رەھبەرلەر جىددىي تەدبىر ئېلىپ، مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن شەكىللەردە كۆتۈرۈپ چىقمىسا، خىتاي خاتالىقلىرىنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ» دېدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «دەرھال ئەركىنلىك» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى جەيرىد گېنسېرمۇ بىرلىكتە ئېلان قىلغان مەكتۇپىدا ئاقسارايدىن ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شانىڭ مەسىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ باقمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە ۋە جۈمە ئىككى كۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ئوباماغا كۈچلۈك چاقىرىقلار كەلدى. شۇڭا ئاقساراي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.