خوڭكوڭدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.12.28

28-دېكابىر كۈنى تۈرمىدىكى سىياسىي ئۆكتىچى، نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ 60 ياشقا كىرگەن كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوڭكوڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتلار بىرلەشمىسى ليۇ شاۋبونىڭ 60 ياشقا تولغانلىق تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىنى ئۆتكۈزگەن.

خاتىرىلەش پائالىيىتى نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ قېتىلىشى بىلەن خوڭكوڭدىكى توڭلۇەن دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ليۇ شاۋبو ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ۋە مەخسۇس ليۇ شاۋبونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنى مەدھىيىلەپ ئۆزلىرى ئىجات قىلغان ناخشىنى ئېيتقان.

پائالىيەت داۋامىدا «ليۇ شاۋبو قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەن شوئار توختىماي داۋام قىلغان. پائالىيەتچىلەر ئاخبارات باياناتىدا ليۇ شاۋبو ۋە ئائىلىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئىزچىل ھالدا يولۇقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ليۇ شاۋبونى قوللاش پائالىيىتىنىڭمۇ توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى نۆۋەتتە خىتايدىكى بىر پارتىيە دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.