ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار 2022-يىللىق نورۇز بايرىمىنى داغدۇغۇلۇق كۈتۈۋالدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار 2022-يىللىق نورۇز بايرىمىنى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، داغدۇغۇلۇق كۈتىۋالدى. ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋېلىش پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز ئەنئەنىلىرى، مىللىي كىيىم-كېچىكى، دراما، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە باشقا مەزمۇنلار كۆرسىتىلىپ، بىرلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق روھى نامايەن قىلىنغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتى 19-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋىرجىنىيە شتاتىدا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن.

بىرقانچە يۈز كىشى قاتناشقان بۇ نورۇز پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان مارشى ۋە دۇئا بىلەن باشلىنىپ، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ھەم مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە خاسلىقى نايامەن قىلىنغان. بولۇپمۇ «مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان «ئاتۇش سەنىمى» قاتارلىق نومۇرلار ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. پائالىيەتكە يەنە ئامېرىكانىڭ NBA باسكېتبول چولپىنى ئەنەس كەنتەر فرېدوممۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇيغۇرلارغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەخسۇس لوڭقا تەقدىم قىلىنغان.

كاناداىكى نورۇز پائالىيىتى 20-مارت كۈنى «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا كانادانىڭ تورونتو، كالگارى، مونتېرىيال، ۋانكوۋېر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تورونتودىكى پائالىيەتمۇ شەرقىي تۈركىستان مارشى بىلەن باشلىنىپ، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىنغان، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالغان.

فرانسىيەدىكى نورۇز پائالىيىتى پارىژ شەھرىدىكى بىر زالدا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «ياۋروپا ئ‍ۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى پائالىيەتكە بىر قانچە يۈز كىشى قاتناشقان. پائالىيەتتە «پارىژ ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندىشىدا ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇل، مۇقام قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىپ، مېھمانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان مۇھىم مىللىي بايرىمى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. لېكىن نورۇز بايرىمىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدىنىيىتى خىتاينىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى داغدۇغۇلۇق كۈتىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، جانلاندۇرۇش ۋە نامايەن قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا.