نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇنىرە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن فەيسبووكتا خەۋەر قىلىنىشىچە، نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە مۇنىرە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

مۇنىرەنىڭ مۇز تېيىلىۋاتقان ۋە مۇكاپاتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلگەن بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە، مۇنىرەنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن باشقا كىملىك ئۇچۇرلىرى بېرىلمىگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆسمۈر مۇنىرەنىڭ ئائىلىسى نورۋېگىيىنىڭ ئاپلوند رايونىدىكى گىجوۋىك شەھىرىدە ياشايدۇ.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلار 1999-يىلدىن باشلاپ ئاساسلىقى سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن نورۋېگىيىگە يەرلەشكەن بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتە نورۋېگىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدا تۈرلۈك يول ۋە تۈرلۈك شەكىللەردە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.