خىتاي نورۋېگىيەنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن ھەيدىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودا ئوقۇۋاتقان پوست دوكتور خىتاي ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ھەيدىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە ساقچى ئورگىنى، ئوسلودىكى ئاگدېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا شامال ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنى، كەسىپنى چەتئەل ھەربىي تېخنىكىسى ئۈچۈن قوللىنىش گۇمانى بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىشقا بۇيرۇغان ۋە مەكتەپتىن ئايرىلىشى ئۈچۈن 23-يانۋارغا قەدەر مۆھلەت بەرگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە نورۋېگىيەنىڭ مەزكۇر قارارىنى جۇڭگولۇق ئالىملارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش دەپ ئەيىبلىگەن ۋە نورۋېگىيە تەرەپنى ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ ئۆزىدە كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي سۆز ئەركىنلىكى بولمايۋاتقان ئەھۋالدا، مەزكۇر چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.