نورۋېگىيە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى دۆلەتكە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

نورۋېگىيە ئامانلىق ئورگىنى 2015‏-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى نورۋېگىيە دۆلەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە نورۋېگىيەگە ئەڭ جىددىي تەھدىت رادىكال ئىسلامچىلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى بولسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بۇ دۆلەتكە زور تەھدىت پەيدا قىلماقتىكەن.

نورۋېگىيە ئامانلىق ئورگىنىنىڭ باشلىقى بەنەدىكت بجورنلاند، «بىز بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نورۋېگىيەدە قانۇنسىز ئىستىخبارات توپلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ئىككى دۆلەت نورۋېگىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە، بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇۋاپىق كىشىلەرنى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ئىلتىماس قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى» دېگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە ئاۋۋال نورۋېگىيە بىر خىتاي دوكتور ئوقۇغۇچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئامانلىق ئورگانلىرى بۇ ئوقۇغۇچى نورۋېگىيەدە ئۆگەنگەن تېخنىكىدىن خىتاي ھەربىي ئىشلاردا پايدىلىنىشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلغان. بىراق نورۋېگىيەنىڭ دوكلاتىغا خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نارازىلىقى بىلدۈردى. خىتاي ئەلچىخانىسى، بىز بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز دوكلاتتىن ھەيران قالدۇق، دېگەن.