دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان نورۋېگىيەنىڭ 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق دۆلەت ئىگىلىدىكى بايلىق فوندى (sovereign wealth fund) خىتايدىكى بىردىنبىر ئىشخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر فوندنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تروند گراندې (Trond Grande) رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، شاڭخەيدىكى ئىشخانىسىنى تاقاش پىلانىنىڭ «مەشغۇلات پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فوند 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ۋە خوڭكوڭ بولۇپ 850 شىركەتكە جەمئىي 42 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ 2020-يىلدىكى 47 مىليارد دوللاردىن تۆۋەن بولغان ئىكەن.
بۇ فوند ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىسىنى تاقاش قارارىغا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك، شۇنداقلا خىتايدىكى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ سەۋەب بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب قايتۇرمىغان. بىراق مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى گراندې ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسىنىڭ گىئو-سىياسىي جەھەتتە ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت رىقابىتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ئىكەنلىكىنى دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، بىر تۈركۈم پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خىتايدا داۋاملىق تۇرۇش قارارىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا، كانادانىڭ ئۈچىنچى چوڭ كۈتۈنۈش فوندى بولغان ئونتارىيو ئوقۇتقۇچىلار فوندىمۇ خىتايدىكى پاي ھوقۇقى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنى تاقىغان ئىدى.