نورۋېگىيە پادىشاھى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان نورۋېگىيە پادىشاھى ھارالد 6-ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پادىشاھ ھارالد ۋە خانىش سونيانىڭ خىتاي زىيارىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان. ئۇلار زىيارىتىنى خىتاينىڭ غەربىدىكى دۇنخۇاڭدىن باشلىغان ئىدى. نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ ھارالد 6-يۇقىرىقى سۆزنى دۇنخۇاڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان.

ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: «بىز غەربلىكلەر كىشىلىك ھوقۇققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن دىئالوگىمىز بار. ئەلۋەتتە مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېگەن.

پادىشاھ ھارالد بۇ سەپىرىدە خىتايغا نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىن ئەرىكسون سورېيدې، سودا مىنىستىرى توربيون روئې ئىساكسېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سودا ئۆمىكى بىلەن كەلگەن. نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ سەپىرىدە خىتاي بىلەن 40 تەك سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سورېيدې ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولىدىغان سۆھبىتى ھەققىدە: «دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقىمىز ھاۋا كىلىماتى، ئىزچىل تەرەققىيات، خەلقئارا سودا ۋە يەرشارىلىشىش، تىنچلىق، يارىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پادىشاھ ھارالد ‏-6 نىڭ دۇنخۇاڭدا قىلغان سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدلەندۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى جون پېتېر ئېگېنەس، پادىشاھ ھارالد ‏-6 نىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ: «مېنىڭچە بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. پادىشاھ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە ئىپادىلىدى» دېگەن. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىپ، بۇ لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلاشتا بەزى كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.