ئالتە يىللىق دىپلوماتىك سوغۇقچىلىقتىن كېيىن خىتاي بىلەن نورۋېگىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەن

تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى سەۋەبلىك 6 يىلدىن بۇيان دىپلوماتىك سوغۇقچىلىققا پېتىپ قالغان خىتاي-نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە نورماللاشقانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورگې برېندى بۈگۈن، يەنى 19-دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىزلا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ‹بىر جۇڭگو پرىنسىپى› غا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ.»

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىرلەشمە باياناتتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ھېچقانداق سۆز-ئىبارە تىلغا ئېلىنمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ نورۋېگىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كۆپ قېتىم نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ، نوبېل كومىتېتىنىڭ بىر مۇستەقىل تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قارارىنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ: «نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى 6 يىلغا سوزۇلغان دىپلوماتىك توڭدا نورۋېگىيە ئىقتىسادى شەك-شۈبھىسىزكى زەربىگە ئۇچرىدى،» دېگەن.