بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، نورۋىگىيىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى.
تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون 20-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، نورۋېگىيە-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ 6 يىل ئاۋۋال ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشى بىلەن بۇزۇلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «نورۋېگىيە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى.
ئۇ باياناتىنى داۋام قىلىپ «ليۇ شاۋبو ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ئىككىسى ئورتاق بىر تەجرىبىنى باشتىن ئۆتكۈزدى. جۈملىدىن ھەر ئىككىلىسى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراشنىڭ بەدىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئەلۋەتتە ليۇ شاۋبونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى» دېدى.
19-دېكابىر كۈنى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورگې برېندى تۇيۇقسىزلا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
بىرلەشمە باياناتتا «نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ‹بىر جۇڭگو پرىنسىپى› غا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ» دېيىلگەن ئىدى. سوفى خانىم يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئەگەر نورۋېگىيە ھەقىقەتەن جۇڭگولۇقلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ چوقۇم ئالدى بىلەن ليۇ شاۋبونىڭ ئەركىن ئادەم سۈپىتىدە نورۋىگىيىنى زىيارەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى.